send link to app

7Qiz app for iPhone and iPad


4.2 ( 1712 ratings )
Social Networking Entertainment
Developer: Xinjiang Computer Fans Limited.Co
Free
Current version: 0.3, last update: 7 years ago
First release : 26 Mar 2015
App size: 10.73 Mb

تور بېكەت قۇرۇلغىلى ئالتە يىل بولغان مۇشۇ قۇتلۇق نورۇز كۈنلىرىدە، تور بېكەتنىڭ ئەپى بارلىققا كەلدى. مۇشۇ ۋەجىدىن تور بېكەتنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئارتۇقچە بولماس.
«يەتتە قىزلىرىم» تور بېكىتى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ 10 كۈن تەييارلىق قىلىنغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى - نورۇز ھارپىسىدا ئىشقا كىرىشتى.
خوش، گەپنىڭ گۇندىسىغا كېلەيلى ئەمدى، يەتتە قىزلىرىم تور بېكىتى قانداق تور بېكەت؟
يەتتە قىزلىرىم تور بېكىتى تورداشلار ئاكا-سىڭىل، ئاچا-ئىنى، قېرىنداش، بۇرادەر، قەلبداش، سىرداش بولۇپ كېلىۋاتقان، تورداشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ھەمشىرىلىرىگە بېغىشلانغان تور بېكەت.
بۇ تور بېكەتتە بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟
بىز بۇ يەردە، خەلقئارا ئۇچۇرلاردىن ئورتاقلاشمايمىز. خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلمايمىز. دىيارىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تالاش-تارتىش قىلمايمىز. يۇقىرىنىڭ قانۇن-پەرمانلىرى، تۆۋەننىڭ يەرلىك سىياسەتلىرى ھەققىدە دەرس سۆزلەپ ئادەم تەربىيەلىمەيمىز. بىر كىملەرنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە غەيۋەت قىلىشمايمىز، ئادەم تىللىمايمىز، ھاقارەت قىلمايمىز، قىينچىلىقتىكىلەرنىڭ ھالىغا كۈلمەيمىز، ھالاۋەتتىكىلەرگە ھەسەت قىلمايمىز ...
ئۇنداقتا نېمە ئىش قىلىمىز زادى؟
بۇ يەر شەخسىي غەرەزدىن، نەپسانىيەتچىلىكتىن، مەنپەئەتپەرەسلىكتىن، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىكتىن - ئومۇمەن ئىنسانىيەت دۇنياسى ھازىرغىچە كەشىپ قىلىپ ئۈلگۈرگەن بارلىق يامانلىقلاردىن خالى بولۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا خالى بولۇپ كەلگەن ئورۇن!
ھەممىمىزنىڭ بوينىغا تۇرمۇشنىڭ ساپىنى سۆرىتىلگەن، بىر كۈن يەر ھەيدەپ نىمجان بولۇپ قالغان كالىدەك جىسمىمىزنى سۆرەپ مۇنبەرگە كىرگىنىمىزدە، غەرەزسىز قىلىنغان چاقچاق، تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان تەسەللى، ئۆزىمىز ئۇنتۇپ قالغان تۇغۇلغان كۈنلىرىمىزنىڭ تەبرىكى، بىر-بىرىمىزگە ئاتالغان يۇمۇرلار، شېئىرلار قاتارلىق دوستلۇق ئەتىرىنىڭ پۇراقلىرىدا ئۆزىمىزنىڭ جاپالىرىمىزنى ئۇنتۇپ، بىردەم بولسىمۇ تاشقى دۇنيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن تىنچ بولىمىز.
بىرسىمىزنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلگەندە تارتىنماي يىغلىيالايمىز، شۇنداقلا يىغلىغان قېرىندىشىمىزنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ يۇمۇرلۇق تەسەللى بىلەن كۈلدۈرەلەيمىز. بىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان بالىسىنىڭ سالامەتلىكى، ئەقىللىقلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلالايمىز. بىرىمىزنىڭ روناق تاپقان تىجارىتى ئۈچۈن تەبرىكلىيەلەيمىز، مەغلۇپ بولغان تىجارىتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىر ئېغىزدىن تەسەللى سۆزىمىز بىلەن ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالايمىز.
تۇرمۇشتىكى ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەت، ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەت، چوڭ-كىچىكلىك مۇناسىۋەت، يەڭگە-كېلىنلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر ئارا پەيدا بولغان زىددىيەتلەرگە ئاڭلىغان، كۆرگەن، بىلگەنلىرىمىزگە ئاساسەن مەسلىھەت بېرەلەيمىز ۋە ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىشىغا ياردەمدە بولالايمىز، شۇنداقلا ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ ئىشى ھەل بولغاندەك چاۋاك چالالايمىز.
بىر توردىشىمىز يۇرتىمىزغا كەلسە ئالدىغا چىقىپ چاي قۇيالايمىز. شۇنداقلا، توردىشىمىزنىڭ يۇرتىغا بارساق قورقماي ئىشىكىنى چېكەلەيمىز. يوقاپ كەتسە ئەنسىرەپ ئىز-دېرىكىنى قىلالايمىز، پەيدا بولسا سوراق قىلالايمىز.
بۇيەردىكى ئىشلىرىمىز شۇنچىلىك ئاددىي. ئەمما، ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ھېچ قايسىمىزنىڭ قەلبىگە قېرىنداشلىق، دوستلۇق مۇھەببىتىدىن غەيرى نەرسە قىستۇرۇلمىغان.
قېرىنداشلىق، دوستلۇق شوئارى ئاستىدا غەيرى نىيەتلەر بىلەن يۇندى تىمىسقىلاپ يۈرگەنلەرنى بايقىغان ھامان يۈز قويماي ئارىمىزدىن قوغلىيالايمىز.
باشقا تور بېكەتلەردە تىللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ئەمما بىزدە «سەن»لىشىپ قېلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، تور بېكىتىمىزدىكىلەرنىڭ سىرتقى تۇرمۇشىنى بىلىپ بېقىڭ! بۇ يەردە كىچىك بالا يوق، بۇ يەردە تۇرمۇشنىڭ ئېزىق چىشىدا يەنچىلمىگەن يۇمران نوتا يوق!
«يەتتە قىزلىرىم» تور بېكىتى مانا مۇشۇنداق قۇرۇلغان، مۇشۇنداق تور بېكەت. سىز دۇنياغا قانداق قارىسىڭىز، دۇنيا سىزگە شۇنداق قارايدۇ.
ئوت يۈرەك قىزلارنىڭ سەردارلىرى بولغان يەتتە قىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى ئانىلارغا بېغىشلانغان بۇ تور بېكەت ئالتە يىلنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلدى. نېسىب قىلسا، سىز ھەم بىزنى قېرىتىدۇ.

تور ئادرېسى: http://www.7qiz.com

«يەتتە قىزلىرىم» تور بېكىتى
2015-يىلى نورۇز